1. Unicode دېگەن نېمە؟

 

 Unicode(بىردىنبىر كود) دېگىنىمىز، مەيلى قايسى تىلدىكى ھەرپلەر بولسۇن، مەيلى قايسى خىلدىكى پروگراممىلار بولسۇن ۋە مەيلى قايسى خىلدىكى مەشغۇلات مۇھىتى بولسۇن، ھەرقانداق ھەرىپكە ياكى بەلگىلەرگە پەقەت بىردىنبىر كود (نومۇر) بېرىشتىن ئىبارەت كودلاش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. تەپسىلاتىنى http://www.unicode.org/standard/translations/uyghur.html دىن كۆرۈڭ.

 

2. Unicode ئۆلچىمىگە قانچىلىك ھەرپ سىغىدۇ؟

 

نەزىرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا 3.0 نۇسخسىغا جەمئىي 65،536 ئوخشاش بولمىغان ھەرپلەر ۋە باشقا بەلگىلەرنى سىغدۇرۇشقا بولىدۇ، ھەتتا ئۇنى كېڭەيتىپ بىر مىلىيۇنغا يەتكۇزۈشكىمۇ بولىدۇ.Unicode 3.0 نۇسخىسدا 57،709 ھەرپ، شەكىللەر ۋە بەلگىلەربولۇپ، ئەرەب، پارىس، ئىنگىلىز، روس، ئېسكىموس، نىمىس ... ئېلىپبەلىرىدىكى ھەرپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەرەبچە رايۇندا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھەرپلىرىمۇ بار.

ئەڭ يېڭى نۇسخسى Unicode 4.0 بولۇپ، UTF-32 (UCS-4)  كودلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق 232 چىلىك ئوخشاش بولمىغان ھەرپ-بەلگىلەرنى كودلاشقا بولىدۇ.

 

 .3قايسى يۇمشاق دېتاللار Unicode نى قوللايدۇ؟

 

Mac O/S 9 & Mac O/S

Windows NT/Windows 2000/XP/2003

Microsoft Office 97/2000/XP/2003

...

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ھازىر بارلىق 2000 سىستېمىسىدىكى يۇمشاق دېتاللار ۋە ئۇندىن كېيىن چىققانلىرى ئاساسەن Unicode نى قوللايدۇ.

 

4. Unicode تۈزۈشتىكى مەقسەت نېمە؟

 

مەقسەت ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ يېزىقىنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلغاندا، مەيلى ئۇ قايسى خىلدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى ياكى قايسى خىلدىكى يۇمشاق دېتاللار بولسۇن ئوخشاشلا خاتالىقسىز بىر تەرەپ قىلىش بولۇپ، ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى كومپيۇتېرلاردا بىرلا ئۆلچەمنى يەنى Unicode ئۆلچىمىنى ئىشلىتىشنى تەششەببۇس قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇنى تۈزگەندە ئىنگىلىزلاردىن باشقا مىللەتلەرمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىردا بولسۇن، ئۆز يېزىقىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرالايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ بولغاچقا، ئىلگىرى ئىككى يىلدا بىر قېتىم يىغىن ئېچىلاتتى، ھازىر بولسا يىلدا ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىلىدىغان بولدى.  Unicodeقا  ھەرقانداق بىر ھەرپنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن خەلقارا ئۆلچەملەشتۈرۈش كومېتېتى (ISO) نىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك.

 

5. ئۇيغۇر كونا يېزىقى قاچان Unicode  قا كىرگۈزۈلگەن؟ ئۇقايسى رايۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان؟

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق تىل-يېزىق كومېتىتى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن «ئۇيغۇر كونا يېزىقى 1990-يىلى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ ئالدى بىلەن خەلقارالىق 10646ISO ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۆلچىمىگە ئەرەب يېزىقى بىلەن بىرلىكتە كىرگۈزۈلگەن. 1991-يىلى خەلقارا ئۆلچەملەشتۈرۈش يىغىنىنىڭ 641- ۋە 434- نومۇرلۇق ھۆججەتلىرىدە ماقۇللانغان.1992-يىلىدىكى كورىيە سىئول يىغىنىدا بېكىتىلگەن ھەمدە 1994-يىلى Unicode تەشكىلاتى تەرىپىدىن تولۇقلاپ ئېلان قىلىنغان.1998-يىلى دانىيەدىكى يىغىندا 18 قوشما ھەرپمۇ تولۇقلاپ كىرگۈزۈلگەن» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ھوشۇر ئىسلام ئەپەندىنىڭ ئېيتىپ بەرگىنىگە ھەم تىل-يېزىق كومېتىتىدىكى ياسىن ئىمىن ئەپەندى بىلەن كۆرسەتكەن خىزمىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز).

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، «ى» ۋە «ې» ھەرپلىرىنىڭ قوشما-ئوتتۇرا شەكىللىرى قوشما ھەرپلەر قاتارىدىن ئۇنتۇلۇق قېلىنغان بولۇپ، گەرچە كېيىن ئۇلار ئۈچۈن ‍‍FBD1,FBD2 دىن ئىبارەت ئىككى بوش ئورون تولۇقلاپ ئىلتىماس قىلىنغان بولسىمۇ تاكى ھازىرغىچە تەستىقلانمىغان. ئۇيغۇر ھەرپلىرى ئۈچۈن ئايرىم رايۇن ئېچىپ بىرىلمەي، ئۇنى ئەرەب ھەرپلىرىگە ئوخشىشىدىغان ھەرپلەر رايۇنىغا تەرتىپسىز، چېچىلاڭغۇ قىلىپ  ئورۇنلاشتۇرۇلغان (0600- 06FF,FB50-FDFF, FE70-FEFF) .

بۇ رايۇندا يەنە پارىسچە، قازاقچە، قىرغىزچە قاتارلىق يېزىقلارمۇ بار. قىسقىسى، 2.1Unicode  نۇسخىسى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى  نۇسخىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇرچە ھەرپلەر بار.

 ئەسكەرتىش: «ى» ۋە «ې» ھەرپلىرىنىڭ قوشما-ئوتتۇرا شەكىللىرى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىنغان ئورۇنلار -- ‍‍FBD1,FBD2 تېخىچە تەستىقتىن رەسمىي ئۆتمىگەن بولغاچقا، ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ FBEA دىن FBFB غىچە بولغان ئورۇنلاردىكى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ قوشما شەكىللىرىنى ئىشلەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ دېگەنلىك ئۇيغۇرچە ھەرپلەر Unicode جەدۋىلىدە تولۇق ئەمەس دېگەنلىك ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى ئىشلەتمەيمۇ، ئەمزە (0626) بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بارلىق ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى تولۇق ئىپادىلەشكە بولىدۇ.

 

6. قايسى فونتنىڭ ئىچىدە بارلىق ئۇيغۇرچە ھەرپلەر بار؟

 

مىكروسوفت شېركىتى تەمىنلىگەن Unicode 2.1 ئاساس قىلىنغان فونت Arial Unicode MS تە بارلىق ئۇيغۇرچە ھەرپلەر بار. دېمەك Unicode 2.1  ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نۇسخىلىرىنى ئاساس قىلىپ ياسالغان بەزى فونتلاردا ئۇيغۇر ھەرپلىرى بار.

 

7. نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە ياسالغان ئۇيغۇر كونا يېزىقىدىكى يۇمشاق دېتاللار خەلقارا ئۆلچەم Unicode نى ياكى ئۆز ئارا بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەمنى ئىشلەتمىگەن؟

 

ئاساسلىق سەۋەبلەر بەلكىم تېخنىكا سەۋىيىسى كەمچىل بولۇش، ئۆزبېشىمچىلىق، ناتوغرا بازار رىقابىتى ئېلىپ بېرىش، يېتەكچىلىق قىلىدىغان ئورۇن ياكى ئادەم يوق بولۇش ۋە باشقا سەۋەبلەر بولسا كېرەك

 

8. بۇندىن كېيىنكى يۇمشاق دېتال ياسىغۇچىلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

 

يۇمشاق دېتاللارنى قېلىپلاشقان خەلقارالىق ئۆلچەم  Unicodeنى ياكى دۆلەتلىك ئۆلچەمGB18030-2000  نى ئاساس قىلىپ ياساشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

 

9. قانداق يۇمشاق دېتاللارنى ئالماسلىق ھەم ساتماسلىق كېرەك؟

 

ئۆلچەمگە چۈشمىگەن ھەر قانداق يۇمشاق دېتاللارنى.